تۈركىيە مۇنبىچتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى مۇنبىچتە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان پەيتتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1127385
تۈركىيە مۇنبىچتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇنبىچتىكى بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا: «مۇنبىچ شەھەر مەركىزىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا، ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرى ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن ئازابلىنىش ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق. بۇ يىرگىنىشلىك تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.

باياناتتا، «مۇنبىچنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلىنىشى شۇنداقلا بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئامېرىكا بىلەن تۈزگەن مۇنبىچ پىلانىنىڭ بارلىق ئامىللىرى بىلەن بىرلىكتە تولۇق ئىجرا قىلىنىشىغا دائىر قەتئىي ئىرادىمىزنى قايتىدىن تەكىتلەيمىز» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

باياناتتا: «تۈركىيە مۇنبىچ پىلانىنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىشىنى نىشان قىلغان ھالدا ئامېرىكا بىلەن ئورتاق ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى. 

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك سېن رىيان، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېشنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى، سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ ناھىيەسىدىكى پارتلاشتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر