ئەنقەرە: تۈركىيە كوردلارنىڭ دۈشمىنى ئەمەس، ھامىيسىدۇر

ئەنقەرە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ باياناتلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ كوردلارنىڭ دۈشمىنى ئەمەس، ھامىيسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1124982
ئەنقەرە: تۈركىيە كوردلارنىڭ دۈشمىنى ئەمەس، ھامىيسىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور فاھرەتتىن ئالتۇن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى كوردلارنىڭ دۈشمىنى ئەمەس، ھامىيسىدۇر. تۈركىيەنىڭ كوردلار بىلەن ھېچقانداق مەسىلىسى يوقتۇر» دېدى ۋە تۈركىيەنىڭ مەسىلىسىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «پ ك ك ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د ۋە ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر. تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر