تۈركىيە: «تۈركىيە كۈرتلەرنىڭ دۈشمىنى ئەمەس ھامىيسىدۇر»

جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارسى ئۇچۇر-ئالاقە ئورگىنى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور فاھرەتتىن ئالتۇن تۈركىيەنىڭ كۈرتلەر دۈشمىنى ئەمەس ھامىيسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1125052
تۈركىيە: «تۈركىيە كۈرتلەرنىڭ دۈشمىنى ئەمەس ھامىيسىدۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ  تۈركىيە توغرۇلۇق دېگەن سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ  كۈرتلەر (كوردلار)نىڭ دۈشمىنى ئەمەس ھامىيسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارسى ئۇچۇر-ئالاقە ئورگىنى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور فاھرەتتىن ئالتۇن، دونالد ترامپنىڭ تۈركىيە توغرۇلۇق دېگەن سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.

فاھرەتتىن ئالتۇن تۋىتتېر ئادرېسىدا مۇنۇ مەزمۇندا ئۇچۇر يازدى: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى كۈرتلەرنىڭ دۈشمىنى ئەمەس ھامىيسىدۇر، تۈركىيەنىڭ كۈرتلەر بىلەن ھېچقانداق مەسىلىسى يوق.»

ئۇچۇرىدا تۈركىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىلىرى بىلەن مەسىلىسى بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئالتۇن: پ ك ك ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولغان پ ي د-ي پ گ بىر  تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر، تۈركىيە  تېررورلۇققا زەربە بېرىش خىزمىتىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىدۇ، دېدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ تۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر يېزىپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىش خىزمىتىنىڭ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىرلىق جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۋىتتېر ئادرېسىدا يازغان ئۇچۇرىنى نەقىل قىلدى: «پۈتكۈل دۇنياغا خىتاب قىلىمەن: بەدىلى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر سۈرىيەنىڭ شىمالىي، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدا دۆلەت قۇرۇلۇشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر