تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە سىنات – ھافتانىن رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، كەم دېگەندە ئۈچ تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى.

1124626
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە سىنات – ھافتانىن رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىستىھكام، پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنى يوقىتىپ تاشلىغانلىقىنى ۋە ھەربىي رايونلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان كەم دېگەندە ئۈچ تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر