چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھېچكىمدىن ئىجازەت ئالمايدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ھېچكىمدىن ئىجازەت ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1124560
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھېچكىمدىن ئىجازەت ئالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ پارتىيەسىنىڭ ئانتاليادا چاقىرىلغان بىر يىغىنىدا سۆز قىلىپ، بىر تەرەپتىن سۈرىيە مەسىلىسىگە سىياسىي چارە تېپىش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە خەۋپ پەيدا قىلىۋاتقان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىردىنبىر دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يېقىنقى چاغلاردا فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە تۈركىيەگە قارىتا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان خەۋپنى بىر تەرەپ قىلىش پوزىتسىيەسى سايىسىدا ئامېرىكىنىڭ چېكىنىشنى قارار قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن چاۋۇشئوغلۇ، «ئەمەلىي مەيداندىكى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە باشقا ئۇنسۇرلاردىن پەرقلىق سادالار چىقىشى مۇمكىن، بىراق جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ سۆزلىشىدىغان كىشىسى پىرېزىدېنت ترامپتۇر» دېدى.

«تېررورغا قارشى كۈرەش قىلىسەن. ئىشلىرىغا كەلسە، <تامام>، ئىشلىرىغا كەلمىسە <تۈركلەر كوردلارنى قەتلى قىلىدۇ>. سىلەر ئۆتمۈشتىمۇ كوردلارنى سۇيىئىستېمال قىلدىڭلار» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، «بىز ھېچكىمدىن ئىجازەت ئالمايمىز. تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلايمىز ۋە چېگرايىمىزنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تېررورنى تازىلاش ئۈچۈن، نېمە قىلىش كېرەك بولسا ئۇنى قىلىمىز. بۇنىڭدىن ھېچكىم ئەندىشە قىلمىسۇن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر