چېگرا رايوندا پەۋقۇلئاددە مۇھىم يىغىن چاقىرىلدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار سۇرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن بولغان يېقىن ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1124377
چېگرا رايوندا پەۋقۇلئاددە مۇھىم يىغىن چاقىرىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار سوچىدىكى كېلىشىم ئاساسىدا سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ۋە مۇقىملىقنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر، قۇرۇغلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئۈمىت دۇندار ۋە دۆلەت ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىقى ھاقان فىدان خاتايدىكى سۈرىيە چېگراسىدا بىر يەرگە جەم بولدى.

يىغىندا سۈرىيەنىڭ شىمالىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى.

رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئىمزالانغان كېلىشىم دائىرىسىدە، ئىدلىبنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەن يىغىندا، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر بىلەن رايوندا خاتىرىجەملىك ۋە مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ: «سوچىدىكى كېلىشىم ئاساسىدا سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ۋە مۇقىملىقنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلمەكتە. رۇسىيە بىلەن بۇ جەھەتتىكى يېقىن ھەمكارلىقىمىز داۋاملىشىدۇ» دېدى.

ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر، قۇرۇغلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئۈمىت دۇندار تۈنۈگۈن شانلىئۇرفادىكى چېگرا قىسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر