يەمەن پىرېزىدېنتى تۈركىيە - يەمەن مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

يەمەن پىرېزىدېنتى ئابدۇراببۇ مەنسۇر ھادى، دۆلىتى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1120253
يەمەن پىرېزىدېنتى تۈركىيە - يەمەن مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن خەۋەر ئاگېنتلىقى – سابانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەمەن پىرېزىدېنتى ئابدۇراببۇ مەنسۇر ھادى، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان تۈركىيەنىڭ سانادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لەۋەنت ئەلەرنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا قوبۇل قىلدى.

باش ئەلچى ئەلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بويىچە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ھادى، تۈركىيە بىلەن يەمەن ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

باش ئەلچى ئەلەرمۇ، ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئۆزىگە يارىتىپ بېرىلگەن قولايلىقلار ۋە ئورنىتىلغان ھەمكارلىقلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ يەمەن ۋە ئۇنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتىنى قوللاش پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەلەر 2016 – يىلى باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر