ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى.
![ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/85d4/1742/beb9/5c2ddbb7ba9ed.jpg?time=1718819593)
![berhem salih-erdogan2.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/bdd7/5465/f9be/5c2ddbd81d5d7.jpg?time=1718819593)
![berhem salih-erdogan1.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/fb0a/5e77/80e7/5c2ddbcb0d31a.jpg?time=1718819593)
ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھنى جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئالدى.
مېھمان پىرېزىدېنت ھۆرمەت قاراۋۇللىرىغا «مەرھابا ئەسكەر!» دەپ سالام بەردى.
مۇراسىمدا تارىختا قۇرۇلغان 16 تۈرك دۆلىتىنىڭ بايرىقى ۋە شۇ دەۋرلەرگە ئائىت ھەربىي كېيىملەرنى كېيگەن ئەسكەرلەرمۇ ئورۇن ئالدى.
ئايرىم – ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىلدى.
مۇراسىمغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، سودا مىنىستىرى رۇخسار پەكجان، يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرى بەكىر پاكدېمىرلى، جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى مەسئۇلى فەخرىتتىن ئالتۇن، مۇداپىئە سانائىتى مىنىستىرى ئىسمائىل دەمىر، ئەنقەرە ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن ۋە باشقا مەسئۇللارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718819593)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718819593)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.