تۈركىيە مىسىردا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قاھىرەدە يۈز بەرگەن ۋە ساياھەتچىلەر ئاپتوبۇسى ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان تېررورلۇق ۋەقەسىدە، ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يارىدار بولغانلارنىڭمۇ بارلىقىدىن قاتتىق ئازابلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، «بۇ نەپرەتلىك تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز. ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە تەزىيە تېلەكلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز. يارىدار بولغانلارغا شىپالىق تېلەيمىز» دېيىلدى.
قاھىرەنىڭ غەربىدە بىر ساياھەتچى ئاپتوبۇسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ۋەقەدە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 12 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.