ئەردوغان بىلەن ترامپ تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، سۈرىيە كىرىزىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

1107287
ئەردوغان بىلەن ترامپ تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، سۈرىيە كىرىزىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بۈگۈن (14-دېكابىر) كەچتە تېلېفوندا كۆرۈشكەن بولۇپ، كۆرۈشۈشتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەدە مەيدانغا كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پىرېزىدېنت ترامپقا، تۈركىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|پ ي د|ي پ گ دىن پەيدا بولغان يوللۇق خەۋپسىزلىك ئەندىشەلىرىنى يەتكۈزگەن. ئىككى رەھبەر سۈرىيە ھەققىدە تېخىمۇ كۈچلۈك كوردىناتسىيە ئورنىتىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 12-دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلىنىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىنى بەرگەن ئىدى.

تۈركىيە رايوندىكى تېررورىستلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىدىن بىئارام بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر