تۈركىيە ئىراندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە، ئىراننىڭ چاباھار شەھىرىدە 2 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، 27 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
![تۈركىيە ئىراندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/84a8/1d2e/edc2/5ac9bf0ba41d6.jpg?time=1718941903)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن چاباھاردىكى بىر ساقچى مەركىزىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى كۆرۈلگەنلىكىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا، «بۇ رەزىل تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىق تىلەيمىز، ئىران خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە تىلەكلىرىمىزنى سۇنىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
ئىرانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان سىستان ۋە بېلۇجىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق چاباھار شەھىرىدىكى بىر ساقچى مەركىزىگە قىلىنغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 2 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 27 ئادەم يارىلانغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718941903)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.