ئەردوغان، پۇتىن ۋە پوروشېنكو بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
![ئەردوغان، پۇتىن ۋە پوروشېنكو بىلەن كۆرۈشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/4ae7/6858/e5c4/5bfe72806f529.jpg?time=1718857714)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ھەر ئىككى تېلېفون سۆھبىتىدە قارادېڭىزدا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.
ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالغان ۋە سۈركىلىشكە ئالاقىدار قايغۇلىرىنى ئىپادىلەپ ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ، مەسىلىنىڭ دىپلوماتىك ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
25 – نويابىردا ئازاك دېڭىزىدا رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ قارىمۇقارشى ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقى؛ رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ رۇسىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇش پاراخوتىغا مۇداخىلە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718857714)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718857714)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.