چاۋۇشئوغلۇ پومپېيو بىلەن كۆرۈشىدۇ
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن كەچتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشىدۇ.
1091358
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ۋاشىنگتونغا بېرىپ، ئامېرىكىلىق مەنسەپدېشى پومپېيو بىلەن بىلەن كۆرۈشىدۇ.
ئىككى مىنىستىرنىڭ جەمال قاشىقجى جىنايىتى، سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك ئۇنسۇرلىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى، شۇنىڭدەك رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىشى كۈتۈلمەكتە.
چاۋۇشئوغلۇ نيۇ يوركتىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن كەچتە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشۈپ، جەمال قاشىقجى جىنايىتى، يەمەن، سۈرىيە ۋە قىبرىستىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنىدى.