چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 19 – 20 – نويابىر كۈنلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1089819
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ ساھىبخانىلىقىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇ يوركتىكى مەركىزىدە چاقىرىلىدىغان «مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ 8 – نۆۋەتلىك يەر شارى خاراكتېرلىك مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىدىغان چاۋۇشئوغلۇ، 20 – نويابىر كۈنى ۋاشىنگتوندا خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «مىنىستىرىمىز چاۋۇشئوغلۇنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتى دائىرىسىدە ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشلىرىدا، تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيە كىرىزىسى قاتارلىق ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرلۇشى كۈتۈلمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر