تۈركىيە ياۋروپا ئەدلىيە مەھكىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق تېررورچىلار مەسىلىسىدە ياۋروپا ئەدلىيە مەھكىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1089320
تۈركىيە ياۋروپا ئەدلىيە مەھكىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، ياۋروپا ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ھەققىدە  چىقارغان قارارى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىدا،  پ ك ك نىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىنمۇ داۋاملىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئۇيغۇن مۇئامىلە كۆرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پ ك ك نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈپىتىنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پ ك ك بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىنمۇ داۋاملىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئۇيغۇن مۇئامىلە كۆرىدۇ.»

ياۋروپا ئەدلىيە مەھكىمىسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدە قېلىشىنى قارارلاشتۇرغانىدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىگە قارشى سۇنغان ئەرزى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان ياۋروپا ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ تۆۋەن قانىتى، پ ك ك نىڭ 2014 – يىلدىن 2017 – يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدە تۇتۇلۇشىدا پىرىنسىپ خاتالىقى بارلىقىغا، بىراق يېڭى قارارغا ئاساسەن، پ ك ك نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدە تۇۇتلۇشى لازىملىقىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر