چاۋۇشئوغلۇ: قاتار – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى ياخشى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە – قاتار مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر ساھەدە مۇكەممەل سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1080193
چاۋۇشئوغلۇ: قاتار – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى ياخشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ قاتارنىڭ پايتەختى دوھادىكى زىيارىتى دائىرىسىدە قاتار مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئەلسانى بىلەن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، «ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كومىتېتى» نىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا  تەييارلىق قىلىش خىزمەتلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قاتاردا زىيارەتتە بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زىيارىتى جەريانىدا قاتارنىڭ كۆپلىگەن ساھەلەردە قۇدرەت تاپقانلىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ سەرخىللاشقانلىقىنى كۆرۈپ، تولىمۇ خۇشال بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «<ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كومىتېتى> نىڭ تەيييارلىق خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلىنىۋاتىدۇ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىز ناھايىتى كۆپتۇر، جۈملىدىن، ئۇلۇغۋار نىشانلىرىمىزغا يېتىشتە ناھايىتى كۆپ مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.»

ئىككى دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىدا ئەنقەرەدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەنلىكىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، بۇ زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن، «ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كومىتېتى» نىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش خىزمەتلىرىنى تاماملاشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ باسقۇچتا يېڭى كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىدىغانلىقىنى، «ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كومىتېتى» نىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىدا، 40 تۈرلۈك كېلىشىمنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى، يېڭى كېلىشىملەرنىڭ تۈزۈلۈشى ئۈچۈن قاتار – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنى تاماملايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مۇناسىۋەتلىرىمىز ھەر ساھەدە مۇكەممەل سەۋىيەدە. رايونلۇق مەسىلىلەردىمۇ قاتار بىلەن ھەمكارلاشتۇق، دەرۋەقە، بۇ ھەقتە قاراشلىرىمىز ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش، بىزنىڭ نىيىتىمىز رايوندا تىنچلىق، مۇقىملىق ئورنىتىش ۋە پاراۋانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر توغرۇلۇق قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەنمەن.»

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلسانى بولسا، ئىككى دوست دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، تۈركىيە – قاتار مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ئىككى دوست دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي مۇناسىۋەتلەرنى قوغداشنى ۋە يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەقەززا قىلماقتا. <ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كومىتېتى> يىغىنلىرىمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، سېلىنما ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا. جۈملىدىن، ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك خىرىسلىرى نەزەردە تۇتۇلغىنىدا، بۇ تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىقىمىزنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. رايوندىكى تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش مەسىلىسىدە ۋە توقۇنۇشلارنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر