ئەدلىيە مىنىستىرى گۈل، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ قاشىقجى دېلوسىغا ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھامىت گۈل، تۈركىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ۋەقەسىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنىڭ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان ھالدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1071128
ئەدلىيە مىنىستىرى گۈل، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ قاشىقجى دېلوسىغا ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇلھامىت گۈل، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ، 2 – ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن خەۋەر ئېلىنالمىغان ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى، ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) ۋەقەسىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى خەلقئارا قانۇنغا ماس ھالەتتە ئەستايىدىللىق شۇنداقلا ئۇتۇقلۇق ھالدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «تەكشۈرۈش ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىمىز تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا. تەكشۈرۈشنىڭ مەخپىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. سىياسەت ساھەسى (بۇ) مۇساپىدە باشتىن تارتىپلا ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش يولىنى تاللىدى. مۇھىم بولغىنى ۋەقەنىڭ ئايدىڭلىتىلىشىدۇر» دېدى.

بىر كونسۇلخانا بىناسىنىڭ ئادەتتىكى يەرگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ۋىېيننا ئەھدىنامىسىدە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنىڭ رامكىسىنىڭ سىزىپ بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان گۈل، «بىر مەمۇرىي ئورگان بۇ يەرگە دەرھال كىرىمەن، دەپ قارار قىلالمايدۇ. ئەھىنامىدە ئوت، ئاپەت دېگەندەك ئىبارىلەر بار. قانۇنىي تەكشۈرۈش دەرھال باشلاندى. كونسۇلخانا بىناسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، سەئۇدى دۆلىتىنىڭ قوبۇل قىلىشى كۈتۈلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەت – ئالاقە قىلدى. كەلگەن جاۋابلاردىن كېيىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقان تەرەپ ئەدلىيە ئورۇنلىرىمىزدۇر. ئېرىشىلگەن دەلىللەرگە ئاساسەن قەدەملەرنى تاشلايدىغان تەرەپمۇ ئەدلىيە ئورۇنلىرىمىزدۇر. تەكشۈرۈشلەر ئەستايىدىللىق بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان ھالدا داۋاملاشتۇرۇلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە باشقا ئورگانلارنىڭ كۆرۈشۈشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن گۈل، بىراق، سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنىڭ بەزى ئىشلارنىڭ كېچىكىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر