تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ۋىزا مۇزاكىرىلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ

تۈركىيەنىڭ موسكۋا باش ئەلچىسى ھۈسەيىن دىرىئۆز، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ۋىزىسىز ساياھەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرۇلۇق داۋاملىق خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1070543
تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ۋىزا مۇزاكىرىلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  دىرىئۆز، «رۇس – تۈرك سودا بىرلىكى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق توختالغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «ئىناق قوشنىدارچىلىق، ئورتاق مەنپەئەتلەر ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت»  پىرىنسىپلىرىغا ئاساسلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ پىرىنسىپلارغا ئاساسەن ھەمكارلىقىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز. تۈرك ۋە رۇس رەھبەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئىرادىنىڭ قەتئىيلىكى سايىسىدا، مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەر ساھەدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىمىز، بۇ ھەقتىكى ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتە ۋىزىسىز ساياھەت خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن دىرىئۆز، مۇنداق دېدى: «ئۆزئارا ۋىزىسىز ساياھەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش مەقسىتىدە داۋاملىق خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز ھەم مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىن، كونسۇلخانىلارنىڭ مەسلىھەت كېڭەشلىرىدىن كېيىن، نويابىر ئېيىنىڭ باشلىرىدا چاقىرىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر