تۈركىيە گىرېتسىيە، مىسىر ۋە جەنۇبىي قىبرىسقا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە گىرېتسىيە – مىسىر ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياننامىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1067964
تۈركىيە گىرېتسىيە، مىسىر ۋە جەنۇبىي قىبرىسقا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيەنىڭ گىرىت ئارىلىغا جايلاشقان ئېلىندا شەھىرىدە 10 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن  گىرېتسىيە – مىسىر - جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياننامىدە، دۆلىتىمىزگە قارىتا ئىلگىرى سۈرۈلگەن دەلىل – ئىسپاتسىز بايانلاردىن تولىمۇ ئەپسۇسلىمىز. قىبرىس ئارىلىدا 1963 – 1974 – يىللىرى قىبرىس رۇم تەرىپىدىن قىبرىس تۈرك خەلقىگە سېلىنغان زۇلۇم – سىتەملەر ئۇنۇتۇلۇپ، تۈركىيەنىڭ 1960 – يىلقى كاپالەتچىلىك كېلىشىمىدە بېرىلگەن ھەق – ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ، 1974 – يىلى ئىشقا ئاشۇرغان <تىنچلىق ھەرىكىتى> نىڭ قارىلاشقا ئۇرۇنۇلۇشىنى قوبۇل قىلىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئارالنىڭ ئورتاق خوجايىنلىرى بولۇشىغا ئاساسلىنىدىغان ھەق – ھوقۇقلرى ۋە تۈپ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىمىز ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ. رايوندا تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە تۈپ مەنپەئەتلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان قەدەملەرنى تاشلاۋاتقانلار، رايوندا تۈركىيەنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلار، ھەرگىزمۇ مەقسەتلىرىگە يېتەلمەيدۇ.»

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس، مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى  رەھبىرى نىكسوس ئاناستاسىئادىس ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتلەر، گىرىت ئارىلىدا 10 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 6 – نۆۋەتلىك ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى.

چىپراس، يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاقدېڭىزدا «ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون» نىڭ چەك – چېگرالىرىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەلگىلەش مەسىلىسىدە مىسىر بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر