تۈركىيە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ ھېلماند ۋىلايىتىدە بىر سايلام ئىشخانىسىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1065903
تۈركىيە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيەنىڭ كۆپ ساندا كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتىق ئەيىبلىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، دوست ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش ئافغان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھېلماند ۋىلايىتىدە تۈنۈگۈن بىر پارلامېنت ئەزاسى نامزاتىنىڭ سايلام ئىشخانىسىغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى قازا قىلغان، 11 كىشى يارىلانغانىدى.

تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن جايدا، كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلاملىرى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر