تۈركىيە گامبىيە ساقچىلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىدۇ

تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى – خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت گامبىيە ساقچىلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىش ئۈچۈن پايتەخت بانجۇلغا كەتتى.

1061597
تۈركىيە گامبىيە ساقچىلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گامبىيە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باياناتچىسى ئېسسا بوكار ساي، گامبىيەنىڭ كېلەر يىلى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىدىغانلىقىنى، يىغىنغا تەييارلىق قىلىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى – خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەتنىڭ گامبىيە ساقچىلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىش ئۈچۈن پايتەخت بانجۇلغا كەلگەنلىكىنى، ھەيئەتنىڭ گامبىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئېبرىما مىباللوۋ ۋە ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  تۈركىيەنىڭ ئىلگىرىمۇ 20 – گ گۇرۇھىنىڭ خەلقئارالىق پائالىيەتلىرىگە ساھىبخانىلىق قىلغانلىقىنى، گامبىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ تەجرىبە – ساۋاقلىرىدن پايدىلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان گامبىيەنى ئىزچىل قوللاپ ھەم ياردەم بېرىپ كەلمەكتە، جۈملىدىن بىخەتەرلىك ۋە دىپلوماتىيە مەسىلىلىرىدىمۇ رايونغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلمەكتە.»

گامبىيەگە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقان تۈركىيە، ئىلگىرىمۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە گامبىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىغا ئۈسكۈنە جەھەتتىن ياردەم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر