چاۋۇشئوغلۇ كامبودژانى فەتھۇللاھچىلاردىن ھوشيار بولۇشقا چاقىردى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان كامبودژا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پراك سوخوننى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىدىن ھوشيار بولۇشقا چاقىردى.

1061555
چاۋۇشئوغلۇ كامبودژانى فەتھۇللاھچىلاردىن ھوشيار بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، مېھمان مىنىستىردىن كامبودژادىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن پراك سوخون تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى؛ سوخون، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزۈتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى ۋە دۆلىتىنىڭ تېررورلۇقنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ 2013 – يىلى پايتەخت فنومپېندا ئەلچىخانا ئېچىشى بىلەن بىرلىكتە مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ ھالەتكە كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «كامبودژا ئالدىمىزدىكى يىلى تۈركىيەدە ئەلچىخانا ئاچىدۇ» دېدى.

كامبودژا باش مىنىستىرى خۇن سېننىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنىمۇ ئورتاقلاشقان پراك سوخون، زىيارەتنىڭ ئىككى شېرىكچىلىكىنىڭ گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ئىقتىسادىي ساھەدە بولسا، ئىككىنچى قېتىملىق قوشما ئىقتىسادىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چاقىرىلىشى توغرىسىدا مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇمۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن كېڭەش يىغىنلىرىنى تېخىمۇ مۇنتىزم ھالەتكە كەلتۈرۈش لازىملىقىنى، قوشما ئىقتىسادىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىقىنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە چاقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ يەنە، كامبودژادىكى سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەنسەپدېشىنى تەبرىكلىدى.

ئاسىيانىڭ دۇنيا سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېغىرلىق نۇقتىسىغا ئايلىنىشقا باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭمۇ بۇ دائىرىدە ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە رايوندىكى تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭمۇ كۈچەيتىلگەنلىكىنى، كامبودژا بىلەن بولغان سودا ھەجىمىنىڭ مەۋجۇت ئىمكانىيەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىككى ئارىسىدا ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، ئۆزئارا ساياھەتچى سانىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى يولىدا قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

مۇناسىۋەتلەرنىڭ قانۇنىي ئاساسىنىمۇ كۈچەيتىش لازىملىقىغا ئىشارەت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، كامبودژا باش مىنىستىرىنىڭ تۈركىيەدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى جەريانىدا، قوش باج قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمىگە ئوخشاش بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالاشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ، 2020 – يىلى ئىككى ئارىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنىڭ تەبرىكلىنىدىغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە ھەر ئىككى دۆلەتتە ھەر خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىن ئۆتكەن يىلى ساھەلەر بويىچە دىيالوگ شېرىكى سالاھىيىتى ئالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، كۆپلىگەن نامزات ئارىسىدىن پەقەت تۈركىيە تەقدىم قىلغان ھەرىكەت پىلانى ۋە يول خەرىتىسى سايىسىدا ئاۋاز بىرلىكى بىلەن بۇنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

چاۋۇشئوغلۇ، ئۆتكەن يىلى مانىلادا بۇ سالاھىيەتكە ئېرىشىش مۇساپىسىدە تۈركىيەنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن مەنسەپدېشىغا رەھمەت ئېيتىپ، «بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپىدە يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى راينى ۋە پۈتكۈل ئاسىيا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ گۈللەندۈرىمىز ۋە كامبودژا بىزگە نىسبەتەن مۇھىم بىر شېرىك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە ئاكادېمىيەلىرى ئارىسىدا بىر كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، ئىككى مىنىستىرلىق ئارىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر، دىپلوماتىك ئۆزگىرىشلەر شۇنداقلا ياش دىپلوماتلارنى تەربىيەلەش دېگەندەك مەسىلىلەرگە ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئالاقىلەرنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ھالدا سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر