تۈركىيەنىڭ تېررورچىلارغا قارشى كۈرىشى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.

1050908
تۈركىيەنىڭ تېررورچىلارغا قارشى كۈرىشى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىرناق، بىتلىس ۋە ئىراقنىڭ شىمالىغا قارىتىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە ئارمىيەسى، 16-، 17 – سېنتەبىر كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى؛ ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شىرناق تاغلىق رايونى بىلەن ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان خاكۇرك رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ھەربىي رايونلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى بايقالغان 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

بۇنىڭدىن باشقا بىتلىس تاغلىق رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 2، ئىراقنىڭ زاپ رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى توختاۋسىز داۋاملاشماقتا.

بۇ جەرياندا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، يېقىنقى بىر ھەپتىلىك ئىچكى بىخەتەرلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە ئىككىسى ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك بولۇپ جەمئىي 46 تېررورچىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر