تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىراقنىڭ بەسرە ۋىلايىتىدە ساياھەتتە بولۇۋاتقان ياكى بۇ ۋىلايەتكە ساياھەت قىلىدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئامانلىقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان رايونلاردىن يىراق تۇرۇشلىرى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

1045664
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بەسرەدە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن باشلانغان ۋە كېيىنچە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى تەرىقىسىدە بارغانسېرى زورىيىۋاتقان نامايىشلارنى قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتىمىز. ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە دوست ھەم قېرىنداش دۆلەت ئىراق خەلقىنىڭ بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتەلىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ياردەمنى ھېچقاچان ئايىمىغان تۈركىيە، بەسرە ۋىلايىتىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىنجىشى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن ھەسسە قوشۇشقا تەييداردۇر. بەسرە ۋىلايىتىدە ساياھەتتە بولۇۋاتقان ياكى بۇ ۋىلايەتكە ساياھەت قىلىدىغان تۈركىيە پۇقرالىرى ئۆز  ئامانلىقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان رايونلاردىن يىراق تۇرۇشلىرى كېرەك، ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مىنىستىرلىقىمىز ۋە باغداد باش ئەلچىخانىمىز تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش ۋە چىقىرىلىدىغان ئۇقتۇرۇشلارنى ئۆز ۋاقتىدا كۆزىتىپ تۇرۇشلىرى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇقرالىرىمىز بىرەر قىيىنچىلىققا ياكى بىرەر كېلىشمەسلىككە يولۇققا چاغدا، تۈركىيەنىڭ باغداد باش ئەلچىخانىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىزنىڭ كونسۇلخانا  ئىشلىرىچاقىرىق مەركىزىدىن ياردەم سوراشلىرىنى مۇراجىئەت قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر