تۈركىيە سۈرىيە چېگراسىغا ئەسكەر ۋە قورال - ياراغ يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيە چېگراسىغا ئەسكەر ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1042768
تۈركىيە سۈرىيە چېگراسىغا ئەسكەر ۋە قورال - ياراغ يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ مەنبىچ، تەل رىفات ۋە ئىدلىب رايونىغا تۈركىيەدىن مىناغا قارشى بەرداشلىق كۈچى يۇقىرى «كىرپە» ناملىق ئاپتوموبىللار بىلەن زەمبىرەك باتارىيەسى ئەۋەتىلدى.

تانكا ۋە زەمبىرەكلەر بېسىلغان 8 يۈك ئاپتوموبىلى كىلىستىن ئۆتۈپ، ئەلبەيلى ناھىيەسىدىن سۈرىيە چېگراسىغا قاراپ قوزغالدى.

ئەسكەر ۋە ئەسلىھەلەر ئۆنجۈپىنار چېگرا ئېغىزى ۋە چوبانباي ئارقىلىق يولغا سېلىنماقتا.

تۈركىيە پات – پات چېگرا رايونىغا ئەسكەر ۋە قورال - ياراغ ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر