يۇقىرى سوت مەھكىمىسى باشلىقى جىرىت قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە، دۆلەت تەۋەلىكىدە سوتلىنىۋاتقان چەت ئەللىكلەرگە ئالاقىدار قارارلارنى چىقىرىدىغان بىردىنبىر شۇنداقلا شەرتسىز كۈچنىڭ تۈركىيە مەھكىملىرى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

1042095
يۇقىرى سوت مەھكىمىسى باشلىقى جىرىت قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقىرى سوت مەھكىمىسى باشلىقى ئىسمائىل رۈشتۈ جىرىت، 2018 – 2019 – يىللىق ئەدلىيە يىلى خىزمەت مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى قۇرۇلتاي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلدى ۋە ئۇ يەردە سۆز قىلىپ، «دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن دۆلىتى ئىدېئاللىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاش دەۋاسى قىلىۋاتقان چەت دۆلەتلەر، ئالدى بىلەن، خەلقئارا قانۇن تەرىپىدىن مۇھاپىزەت قىلىنىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىر چەت دۆلەت پۇقراسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە سوتلىنىشىغا ئالاقىدار قارارلارنى چىقىرىدىغان بىردىنبىر شۇنداقلا شەرتسىز كۈچ، مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ سوت مەھكىمىلىرىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر