تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا كۈچلۈك زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ چېگرا ئىچى – سىرتىدا ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1040119
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا كۈچلۈك زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان گارا رايونىدا ھەربىي بازىلار ۋە چېگرا مۇداپىئە پونكىتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا ھاۋادىن زەربە بەردى؛ ھەرىكەت نەتىجىسىدە، 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

خاتايدا بولسا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا قارشى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىدىكى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بولسا، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى ئىككى تېررورچى تىرىك قولغا چۈشۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر