چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ غەيرىي رەسمى يىىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى غەيرىي رەسمىي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

1039033
چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ غەيرىي رەسمى يىىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى  يازما باياناتىغا قارىغاندا، 30-، 31 – ئاۋغۇست كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان يىغىنغا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى باشلىقى ئاۋستىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارىن كنېئىسسلمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن.

مەزكۇر غەيرىي رەسمىي يىغىننىڭ تاشقى سىياسەتكە ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «مەزكۇر يىغىندا، كۆپ تەرەپلىمىلىك، رەقەملىشىش ۋە ھالقىلىق ئۈستقۇرۇلما ساھەلىرى قاتارلىق رايون ۋە دۇنياغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇساپىمىز شۇنداقلا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا بەزى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، بۇ ئاي ئۆتكۈزۈلگەن 10 – نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر قۇرۇلتىيىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى غەيرىي رەسمىي يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ۋە نامزات دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «سۆزلىشىشىمىز كېرەك بولغان تېمىلار بار. قاراشلىرىمىزنى بايان قىلىش پۇرسىتىمىز بولىدۇ. ئايرىم ئۇچرىشىشلارنىمۇ ئۆتكۈزىمىز» دېگەنىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ غەيرىي رەسمى يىغىنى فېۋرال ئېيىدا بۇلغارىيەدە چاقىرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر