تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشلىرىغا قوشۇمچە يېڭى ئولتۇراق رايون قۇرۇلىشى سېلىش قارارىنى ئەيىبلىدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 2000 دىن كۆپرەك يېڭى قورو جاي قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.
باياناتتا، خەلقئارا قانۇننى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسۋەتلىك قارارلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ، تاشلانغان بۇ قەدەملەرنىڭ تىنچلىق باسقۇچىغا نىسبەتەن ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىش مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدە ئېغىر زىيانلارنى يەتكۈزگەنلىكى تەكىتلىنىپ، «پەلەستىن خەلقىنىڭ قەتئىي ۋاز كېچىلمەيدىغان ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئاياق ئاستى قىلىدىغان بۇ ھەرىكەتلەرگە قارشى چىقىش ھەم قانۇنىي ھەم ۋىجدانىي مەسئۇلىيەتتۇر. خەلقئارا جامائەتچىلىكنى بۇ مەسئۇلىيىتىنى لايىقىدا ئۇرۇنداشقا چاقىرىق قىلىمىز» دېيىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ 1967 – يىلىدىن بۇيان ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرىۋاتقان غەربىي قىرغاقتا 131، شەرقىي قۇددۇستا 10 ۋە غەربىي قىرغاقنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا 116 قانۇنسىز ئولتۇراق رايون قۇرغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
غەربىي قىرغاقتىكى ئولتۇراق رايونلاردا تەخمىنەن 500 مىڭ، شەرقىي قۇددۇستا 220 مىڭ كۆچمەن يەھۇدىيلارنىڭ تۇرىدىغانلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى كۆچمەن يەھۇدىيلار سانىنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 1 مىليونغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
خەلقئارا قانۇنغا بىنائەن ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىغا سېلىنغان بارلىق يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرى قانۇنسىز ھېسابلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.