تۈركىيە ئامېرىكا ئۈستىدىن ئەرز قىلدى

تۈركىيە ئامېرىكىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلدى.

1035684
تۈركىيە ئامېرىكا ئۈستىدىن ئەرز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىغا ھەسسلەپ باج قويۇشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا ئۈستىدىن ئەرز قىلدى.

سودا ئشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىنلاردىن ئېلىنىدىغان باج مىقدارىنىڭ %100 ئاشۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىلىرىگە زىت ھالدا بۇ يىل 15-ئاۋغۇستتا تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىغا باج قويۇشىغا قارىتا، تۈركىيەنىڭمۇ ئامېرىكىدىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان 22 مەھسۇلاتتىن قوشۇمچە باج ئېلىشنى قارار قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، 22  مەھسۇلاتتىن ئېلىنىدىغان قوشۇمچە باج مىقدارىنىڭ 533 دوللار بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا تۈرك سودا-سانائەتچىلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ تاشلانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە باج ئېلىشىنى قارار قىلىشىغا قارىتا، دۆلىتىمىز ئامېرىكىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرى بويىچە ئىش تۇتۇشقا چاقىرىپ باقتى. ھۆكۈمىتىمىز ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىن ئىمپورت  قىلىنىدىغان پولات-تۆمۈر ۋە ئالىيۇمىنلاردىن قوشۇمچە باج ئېلىشنى قارار قىلىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا ئۈستىدىن ئەرز قىلدى. ھازىرغىچە ئامېرىكا ئۈستىدىن ھىندىستان، خىتاي، شىۋېتسارىيە، نورۋېگىيە، كانادا، رۇسىيە، مېكسىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلدى. بۇ دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ سودا-سانائەتچىلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا تىرىشىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر