تۈركىيە بىلەن فىرانسىيە ئامېرىكىنىڭ ئېمباگولىرىغا قارشى ھەمكارلىشىدىغان بولدى

خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراك بىلەن فىرانسىيە ئىقتىساد ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى نىرونو لې مايرې ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىشنى قارار قىلىشتى.

1034743
تۈركىيە بىلەن فىرانسىيە ئامېرىكىنىڭ ئېمباگولىرىغا قارشى ھەمكارلىشىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراك فىرانسىيە ئىقتىساد ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى نىرونو لې مايرې بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئىككى رەھبەر ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى قارار قىلىشتى.

مىنىستىر بەراك ئالبايراك فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرو بىلەن لې مايېرنىڭ تۈركىيە توغرۇلۇق بەرگەن باياناتلىرىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى مىنسىتىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى قارار قىلىشقان.

ئىككى مىنىستىر يەنە 17-سېنتەبىردە يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشنى قارار قىلىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر