چاۋۇشئوغلۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 51-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى (ASEAN) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان سىنگاپوردا، ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېتنو مارسۇدى بىلەن كۆرۈشتى.

1024092
چاۋۇشئوغلۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى ۋە يىغىن دائىرىسىدە ئايرىم ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارسۇدى، ئىقتىساد، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن باشقا، ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ۋېيىتنامنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ھەمدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فان بىنخ مىنخ بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىش ۋاقتىنىڭ يىغىن پىروگراممىسىدىكى ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن باشقا كۈنگە كېچىكتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

51-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا، ھىندونېزىيە، مالايشىيا، تايلاند، فىلىپپىن، سىنگاپور، بىرۇنى، ۋېيتنام، لائوس، بىرما ۋە كامبودژا قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن باشقا، «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى دىيالوگ شېرىكلىرى» بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، كانادا، رۇسىيە، خىتاي، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ھىندىستان، ئاۋستىرالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە؛ «سانائەت ساھەسى دىيالوگ شېرىكىرى» بولغان تۈركىيە، پاكىستان، نورۋېگىيە، شىۋېيتسارىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايونلۇق مۇنبىرىگە ئەزا 30 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە مۇئاۋىن مىنىستىرلىرى قاتنىشىدۇ.

ئۆتكەن يىلى (2017) شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا «سانائەت ساھەسى دىيالوگ شېرىكچىلىكى» ئورنىتىلغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى-تۈركىيە ئۈچ تەرەپ مىنىستىرلار يىغىنى» غا قاتناشقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ، 4-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى رامكىسىدا، يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر