تۈركىيە پارلامېنت باشلىقى: بىز ئامېرىكىنىڭ تەھدىتلىرى ئالدىدا تىز پۈكمەيمىز
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىنالى يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەھدىتلىرى ئالدىدا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىنالى يىلدىرىم ئىزمىردە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نامىدىن جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان راھىب ئاندرۋېۋ برۇنسوننىڭ نەزەربەند قىلىنىشىغا ھۆكۈم قىلىنىشىدىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «تۈركىيەگ ئېمبارگو يۈرگۈزۈش» تەرىقىسىدىكى باياناتلارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەھدىتلىرى ئالدىدا ھەرگىزمۇ تىز پۈكمەيدۇ، دەرۋەقە، بۇنداق تەھدىتلەر بىزگە نىسبەتەن ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قانۇن دۆلىتى بولسا، تۈركىيەمۇ قانۇن دۆلىتىدۇر. شۇڭا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇنداق تەھدىت سېلىشنى تەرك ئېتىشى لازىم. جۈملىدىن، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلغاندا تۈركىيە خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.