تۈركىيە كانادانى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە يېقىنقى مەزگىلدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە قولغا چۈشۈرۈلگەن قورال – ياراغلار ئارىسىدا كانادادا ئىشلەنگەن ئاپتوماتىك مىلتىقلارنىڭمۇ بارلىقى سەۋەبىدىن بۇ دۆلەتنى ئاگاھلاندۇردى.

1018825
تۈركىيە كانادانى ئاگاھلاندۇردى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادانىڭ مىللىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولغان «‹ Postmedia› گۇرۇھى» غا ئائىت «‹ National Post› گېزىتى»،  «‹ Montreal Gazette › گېزىتى» ۋە «‹ Ottawa Citizen › گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەردە دەيۋىد پۇگلىئېسې ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان، «كانادادا ئىشلەنگەن پىيادە ئەسكەرلەر مىلتىقلىرى تېررورچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، پ ك ك لىق تېررورچىلارنىڭ قولىدىن كانادادا ئىشلەنگەن « NEA-15 » تىپلىق قورال - ياراغلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاپرېل ئېيىدا ماردىندا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا، پ ك ك ئىشلەتكەن بىر غاردا كانادادا ئىشلەنگەن ئالاھىدە قىسىم قورال – ياراغلىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، نەق مەيداندىن تارتىلغان فوتو سۈرەتلەر كانادا دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈلگەن.

قولغا چۈشۈرۈلگەن قورال – ياراغلارنى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتنىڭ ئونتارىئو ئىشتاتىدىكى « North Eastern Arms-NEA » دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركەت ئىكەنلىكى، شىركەت مەسئۇلىنىڭ، مەزكۇر قورال – ياراغلارنىڭ كانادا فېدېرال ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجازىسىتىگە ئاساسەن  سېتىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەۋەردە، 2016 – يىلى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پەشمەرگەلەرگە « NEA-15 » تىپلىق قورال – ياراغلارنىڭ سېتىلغانلىقى، شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ رايوننى زىيارەت قىلغانلىقى ھەمدە شۇ يىلى كانادادىن ئىراققا مىڭدىن ئارتۇق قورال - ياراغ ئېكسپورت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نامىدىن پېشقەدەم ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بابكوك بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ مەسىلىنىڭ تەكشۈرۈلۈشكە باشلانغانلىقىنى، ئىراق دائىرىلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىلىپ، كانادانىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنىڭ يەتكۈزۈلگەنلىكى، ھەمدە ئېكسپورت قىلىنغان قورال – ياراغلارنىڭ ئاخىرقى ئىشلىتىلىش مۇددىتى توغرۇلۇق قوشۇمچە ۋەدىلەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر