ئەردوغان چىپراس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى تۈپەيلى گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە گىرېتسىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرگەن، ھەمدە ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
تېلېفون سۆھبىتىدە، يەنە، گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، گىرېتسىيەنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ گىرېتسىيەگە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.