تۈركىيە ئىرانغا قارىتىلىدىغان ئېمبارگولارغا قوشۇلمايدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنڭ ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
![تۈركىيە ئىرانغا قارىتىلىدىغان ئېمبارگولارغا قوشۇلمايدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/a5ad/4b33/0b08/5b570f323246f.jpg?time=1718833781)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئىرانغا قارىتىلىدىغان ئېمبارگولارغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئۈستىدە توختالدى.
چاۋۇشئوغلۇ ئىرانغا قارىتىلىدىغان ئېمبارگولارنىڭ ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ كۆرسەتمەيدىغانلىقى توغرۇلۇق سورالغان سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئامېرىكىدىن ھەيئەت كەلدى، بىز ئىرانغا قارىتىلىدىغان ئېمبارگولارغا قوشۇلمايمىز، بىز ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىۋاتىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇۋاپىق باھادا ئېلىۋاتىمىز، سىلەر يىراقتا تۇرۇۋېلىپ گەپ قىلىۋاتىسىلەر لېكىن بىز بۇلارغا ماسلىشىپ بولالمايمىز.»
چاۋۇشئوغلۇ يەنە: بىز ئىرانغا قارىتىلىدىغان ئېمبارگولارغا قوشۇلمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق، بىز يەنە پىرىنسىپ جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنىمۇ يەتكۈزدۇق، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىگە قوشۇلۇشقا مەجبۇر ئەمەسمىز، دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718833781)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718833781)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.