چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە ھەر دائىم شىمالىي قىبرىسنىڭ يېنىدا
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر دائىم شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
1016192
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 44 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىدە قۇربان بولغان شېھىتلىرىمىزنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە مەڭگۈ ئەسلەيمىز، غازىلىرىمىزغا چەكسىز مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھەر دائىم قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ يېنىدا.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.