تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەتىنا رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.
![تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/d12a/97ea/d852/5b4dc12cb3a41.jpg?time=1718851198)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەتىنا ۋە ھاكۇرك رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 8 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان ئىستىھكام، قورال ئىسكىلاتلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەتىنا رايونىدا تۈنۈگۈن ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى قورال ئىستىھكامى، پاناھلىنىش ئورنى، ئۆڭكۈر ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلىرىنى تولۇق پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسى سېپىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەر، فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ساھەسى بىلەن مۇنبىچ ئارىسىدىكى لېنىيەدە 15 – ئۆزئارا ماس ئەمما مۇستەقىل چارلاش خىزمىتىنى ئىشقا ئاشۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718851198)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718851198)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.