پارلامېنت باشلىقى بىنالى يىلدىرىم ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدا زىيارەتتە بولدى

ئاخىرقى باش مىنىستىر، دېگەن نام بىلەن تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان بىنالى يىلدىرىم، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

1014087
پارلامېنت باشلىقى بىنالى يىلدىرىم ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارلامېنت دىۋان ئەزالىرى بىلەن جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىغا بارغان بىنالى يىلدىرىمغا ئەنقەرە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى مۇستاپا تۇنامۇ ھەمراھ بولدى.

بىنالى يىلدىرىم غازى مۇستاپا كەمال ئاتاتۈركنىڭ خاتىرە تېشىغا گۈلچەمبىرەك قويدى، ئارقىدىن خاتىرە سارىيى مەخسۇس دەپتىرىگە كۆڭۈل سۆزلىرىنى يېزىپ، يېڭى ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىڭ غەلىبىلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دەپ يازدى: «ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملار (24 – ئىيۇن) نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن يېڭى تۈزۈمنىڭ ئۇتۇقلۇق ھالدا يول ئېلىشى ئۈچۈن، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يەلكىمىزگە چۈشكەن ھەقنى ۋە غەيرەتنى نامايان قىلىمىز. پائال قانۇن چىقىرىش ۋە تەكشۈرۈش مەسىلىلىرى قاتارلىق ھەق ۋە ھۆررىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ گۈللەندۈرۈلۈشى، دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىكى، باراۋەرلىكى، مىللىتىمىزنىڭ خاتىرجەملىك ۋە باياشاتلىقى ئۈچۈن، بار كۈچىمىز بىلەن خىزمەت قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر