تۈركىيە تۇنىستا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە، تۇنىسنىڭ جەندۇبە ۋىلايىتىدە تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
![تۈركىيە تۇنىستا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/ea42/1e71/94c7/5b15814449728.jpg?time=1718890443)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۇنىسنىڭ جەندۇبە ۋىلايىتىدە تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 6 نەپەر چېگرا مۇداپىئە ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، «بۇ خائىنلارچە ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمىز. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش تۇنىس خەلقىگە تەزىيەلىرىمىزنى سۇنىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
باياناتتا، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تۇنىس بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
تۇنىستا تۈنۈگۈن ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 9 نەپەر خەۋپسىزلىك خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718890443)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.