ئەردوغان: تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش قەتئىي داۋاملىشىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشنىڭ يېڭى دەۋردىمۇ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1007819
ئەردوغان: تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش قەتئىي داۋاملىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاب قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مىللىي ئىرادىگە كۆلەڭگە چۈشۈرىدىغان ھەرقانداق بىر ئىشقا قىلچە يول قويمايمىز، زەنجىرسىمان تېررورىزمغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق، يېقىندىن بۇيان ئىراقنىڭ قەندىل رايونى بىلەن تېرروتېرىيەمىز ئوتتۇرىسىدىكى رايونلارغا ئورۇنلىشىۋاتقان تېررورچىلارنى تازىلاۋاتىمىز، بۇ مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كلەتۈرۈلدى، قەندىلنى، زۆرۈر تېپىلغاندا سىنجارنى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن تامامەن تازىلىغانغا قەدەر بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى  كۈرەشنىڭمۇ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۇنجى جۇمھۇر رەئىسلىك قارارنامىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئارقىلىق تۈركىيە يېپيېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويىدۇ، پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدىن كېيىن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كاتتا مۇراسىمغا 22 دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتى، 17 باش مىنىستىر، مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلار ۋە پارلامېنت باشلىقلىرى قاتنىشىدۇ.»

پارلامېنتتىكى نۇتىقىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىچكى كابېنتتىن پارلامېنت سىرتىدىنمۇ شەخسلەرنىڭ ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىممۇ دېموكراتىيەنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى دەۋردە تۈركىيەنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەققى بولغان زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە يېتىش يولىدا ھارماي – تالماي  كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر