سىلوۋېنىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

سىلوۋېنىيە پىرېزىدېنتى بورۇت پاھور 24-ئىيۇندىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىققان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.

1004428
سىلوۋېنىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىلوۋېنىيە پىرېزىدېنتى بورۇت پاھور جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى 24-ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئۇتۇپ چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت پاھور جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، 24-ئىيۇندىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىققانلىقى ئۈچۈن تەبرىكلىگەن.

ئىككى رەھبەر يەنە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراقتىكى سايرۇن ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى مۇقتەدا ئەس-سادر ۋە ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتى باشلىقى نەچىرۋان بارزانى بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

ئەس سادر بىلەن بارزانى 24-ئىيۇلدىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىققان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلەشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر