تۈركىيە ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتمەكتە

تۈركىيەنىڭ كۆپ قاتلاملىق ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە ئىقتىدارىنى دۆلەت ئىچى ئىمكانىيەتلىرىنى تولۇق ئىشقا سېلىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى سۈرئەت بىلەن داۋام قىلماقتا.

1002548
تۈركىيە ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتمەكتە

ئەنقەرە – گۆكسەل يىلدىرىم

تۈركىيە، ھاۋا مۇداپىئەسى ساھەسىدىكى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمىلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە. تۈركىيەنىڭ ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە يول خەرىتىسى خىزمەتلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ كۆپ قاتلاملىق ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە ئىقتىدارىنى دۆلەت ئىچى ئىمكانىيەتلىرىنى تولۇق ئىشقا سېلىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا پىلان – لايىھە مودېللىرى شەكىللەندۈرۈلمەكتە. دۆلەت ئىچىدە ياساپ تەرەققىي قىلدۇرۇش لايىھەسى دائىرىسىدە، تۈرك شىركەتلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا چەت ئەلنىڭ شىركەت، ئورۇن ۋە ئورگانلىرىدىن ئېھتىياجلىق ساھەلەردە تېخنىكىلىق ياردەملەر ئېلىنغان ھالدا خىزمەتلەر داۋاملاشتۇرۇلماقتا.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە لايىھە ۋە ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرى ئاخىرلاشقان قوراللارنىڭ سايمان ۋە كىچىك – ئوتتۇرا ھەجىملىك شىركەتلەر پائال رول ئوينايدىغان يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش دەۋرىگە قەدەم قويۇش بويىچە پىلان تۈزۈش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا. بۇ مەقسەتتە، ASELSAN ۋە ROKETSAN قاتارلىق مۇداپىئە سانائىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرنىڭمۇ مەۋجۇت ئىمكانىيەت ۋە قابىلىيەتلىرى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ھەم سېلىنما تەكرارلىنىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ ھەم چەت ئەلدە رىقابەت قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن بۇ ساھەلەرنىڭ ئىزچىللىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.

ھاۋا مۇداپىئەسىگە ئالاقىدار ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك نىشانلارنىڭ بىرىنى «ھاۋا مۇداپىئە ساھەسىنى دۆلەت ئىچى ئىمكان ۋە ئىقتىدارلاردىن پايدىلىنىپ تۈركىيەنىڭ كۆپ قاتلاملىق ھاۋا مۇداپىئەسىگە خىزمەت قىلىدىغان قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىش» تەشكىل قىلىدۇ.

بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ روھىغا ئاساسەن، ناتو ياردەمچى خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ۋە دۆلەتلەر ئارا مۇداپىئە سانائىتى بويىچە ھەمكارلىق خىزمەتلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيادا قوللىنىۋاتقان مېتودلار يېقىندىن تەقىب قىلىنىدۇ.

ھىسار پىلانى دائىرىسىدە روياپقا چىققان سىستېمىلارنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە ئېكسپورت نۇسخىلىرىغا ئالاقىدار زۆرۈر نۇقتىلار نەزەرگە ئېلىنىپ، يېتىپ بېرىش مۇساپىسىنى 40 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇش يولىدا خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.

گۆكتۇغ پىلانى دائىرىسىدە ياساپ چىقىلىدىغان ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھىسار پىلانى دائىرىسىدە ياساپ چىقىلغان سىستېمىلار ئارقىلىق ئىشلىتىلىشى نىشان قىلىنماقتا. بۇنىڭدىن باشقا «قورقۇت» پىلانى دائىرىسىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان سىستېمىنىڭ دېڭىز سۇپىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بويىچە سىناقلار تاماملىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىقىنىڭ سىستېما ئېھتىياجى دۆلەت ئىچىدىن تەمىن ئېتىلگەن بولىدۇ.

ھىسارنىڭ سىناقلىرى ئۇتۇقلۇق بولماقتا...

مۇداپىئە سانائىتى مەسلىھەتچىلىك ئورگىنىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا ASELSAN ۋە ROKETSAN ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقارغان ھىسار ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ سىناقلىرى غەلىبىلىك تاماملاندى. ھىسار ھاۋا مۇداپىئە بومبىلىرى ھەربىي بازا، پورت، ئورۇن ۋە قىسىملارنىڭ ھاۋا تەھدىتلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىنىشى مەقسىتىدە مۇقىم ۋە ئايلانما قاناتلىق ئايروپىلانلارغا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا، ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ياساپ چېقىلدى .

ھىسار – ئا نىڭ 2020، ھىسار – ئو نىڭ 2021 – يىلى ئەسلىھەلەر سېپىگە كىرىشى كۈتۈلمەكتە.

قورقۇت دېڭىزدىمۇ مۇداپىئە رولىنى ئوينايدۇ

قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمەتلىرى باشلانغان قورقۇت سىستېمىسى، ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن مۇداپىئە قىلىشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ مەقسەتتە دەسلەپكى مودېل سۈپىتىدە ياساپ چىقىلغان قورقۇت – د سىستېمىسى، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىقىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىلەن مەشىق پاراخوتى – ت.ج.گ  سۇلتان مەھمەتپاشاغا سەپلەندى. سىستېما ئارقىلىق قىلىنغان سىناقلار، قورقۇت – د نىڭ پاراخوتلارنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن قوغداشتا ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

سىناقلار جەرياندا قورقۇت-د بايقاش، قوغلاش ۋە ئوققا تۇتۇش قاتارلىق بارلىق ھەرىكەتلەرنى باشقۇرغۇچىنىڭ مۇداخىلىسىسىز ئاپتوماتىك ھالدا ئورۇندىدى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى شەكىلدە ناھايىتى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن دېڭىز يۈزى ئارقىلىق يېقىنلاشقان نىشاننى ئوققا تۇتۇپ بىتچىت قىلىپ تاشلىدى.

تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك بومبا ئىستراتېگىيەسى...

تۈركىيە ئۇزۇن مۇساپىلىك ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە ئېھتىياجىنى يېقىن كېلەچەكتە رۇسىيەدىن سېتىۋالىدىغان S-400 بومبىلىرى بىلەن قامدايدۇ.

ئوتتۇرا مەزگىلدە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان سىستېمىلارغا يۈزلىنىدىغان تۈركىيە، ASELSAN ۋە ROKETSAN ۋە EUROSAM شېرىكچىلىكىدە SAMP-T ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىدىنمۇ ئىلغار بىر سىستېما ئۈستىدە ئۇقۇم تونۇتۇش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.

ئۇزۇن مەزگىللىك پىلاندا بولسا، پۈتۈنلەي يەرلىك ئۇزۇن مۇساپىلىك ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئىگە بولۇشنى نىشان قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر