تۈركىيە: سايلام كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ باھالىرى ئىجابىي

تۈركىيەدە 24 – ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىس ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلاملىرىدا 415 خەلقئارالىق كۆزەتكۈچى ۋەزىپە ئۆتىدى.

1000070
تۈركىيە: سايلام كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ باھالىرى ئىجابىي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ 24 – ئىيۇن سايلاملىرى توغرىسىدىكى باھالىرىنىڭ ئىجابىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. باياناتتا، ئوخشاش بولمىغان ئورگانلاردىن كەلگەن 415 نەپەر خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىنىڭ، سايلاملارنىڭ، ساندۇق بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى، ئوچۇق – ئاشكارا، ئەركىن، كۆپ سانلىقچى، ئادىل ۋە خەلقئارا ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۆزىتىش پائالىيەتلىرىنى بىخەتەر شۇنداقلا ئەركىن – ئازادە ئېلىپ بارغانلىقى قەيت قىلىندى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى سايلام ھەيئىتى تەييارلىغان دوكلات بولسا، «سايلام دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن، مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ كۆزىتىش پىرىنسىپلىرىغا ياراشمايدىغان مىساللارغا ئورۇن بەرگەن» لىكى ئۈچۈن ئەيىبلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر