تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا ئۈزلۈكسىز زەربە بەرمەكتە

ئىراقنىڭ شىمالى ۋە ھاككارىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 11 ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

998238
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا ئۈزلۈكسىز زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زاپ رايونى بىلەن ھاككارى چېگرا بويىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، 7 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھاككارى ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، ناھىيەنىڭ بۇزۇل تاغلىرى ئارسان رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 4 ئەزاسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق بايقىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، مەزكۇر تېررورچىلارنىڭ بىرىنىڭ تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر