ئەردوغان ت ر ت ئېكرانلىرىدا كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشلىرى ۋە مۇداپىئە سانائىتى ھەققىدە توختالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، يېڭى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن مەزگىللەردە تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئېھتىياجىنىڭ ئاران %20 نى قامدىيالايدىغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە بولسا، %65 نى قامدىيالايدىغان سەۋىيەگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ت ر ت نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىدا كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
ئەردوغان بولۇپمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىسبىتىنىڭ %7.4 بولىغانلىقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئارىسىدا ھىندىستاندىن قالسىلا ئىككىنچى ۋە ياۋروپا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا بىرىنچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيەنىڭ ھازىر ئىشسىزلىق نىسبىتى جەھەتتىمۇ ئەڭ تۆۋەن نىسبەتكە كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئەردوغان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدە 4600 دىن كۆپرەك تېررورلۇق تەكشىلاتى پ ك ك/پ ي د/ي پ گ ئەزاسىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ھازىر 12 كۆزىتىش پونكىتى ئارقىلىق ئافرىننىڭ كونتروللۇق ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مۇنبىچ پىلانى ئارقىلىقمۇ ئەمدىلىكتە پ ي د/ي پ گ نىڭ مۇنبىچنى پۈتۈنلەي تاشلاپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.