ئەردوغان يەرلىك توك ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ۋاقتى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەرلىك توك ئاپتوموبىلنىڭ 2021 – يىلى ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە 50 مىليارد ياۋرولۇق ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

991951
ئەردوغان يەرلىك توك ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ۋاقتى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «يەرلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىنىشى بىلەن تەڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمۇ تېز سۈرئەتتە يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىدۇ، 100 گە يېقىن ساھە تەرەققىي قىلىدۇ، ئۇچۇر – ئالاقە، يۇمشاق دېتال ۋە دىگىتال تېخنولوگىيەلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ، نېفىتكە بېقىندى بولۇپ قېلىش ئازىيىدۇ، ئەقىللىق ئاپتوموبىل ھەيدەش سىستېمىلىرى ئارقىلىق كەلگۈسىنىڭ تېخنولوگىيەلىرى ئەكس ئەتتۈرىلىدۇ.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى ئېكسپورتىغا ئالاقىدار مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2002 – يىلى 4.8 مىليارد دوللار بولغان ئېكسپورت 6 ھەسسە ئېشىپ، 2017 – يىلى 28.5 مىليارد دوللارغا يەتكەن، ئاپتوموبىل سانائىتى 2002 – يىلى 347 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، 2017 – يىلى 1 مىليون 696 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغان، شۇنىڭ بىلەن، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى 4.8 ھەسسە ئاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر