تۈركىيە گىرېتسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە، گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى پىروكوپىس پاۋلوپولوسنىڭ ئەگە دېڭىزىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئالاقىدار سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
![تۈركىيە گىرېتسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/ea42/1e71/94c7/5b15814449728.jpg?time=1718860433)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، پاۋلوپولوسنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «Natura 2000» مۇھىت پىلانى بىلەن چېگرالار ۋە زېمىنلار مەسىلىسىنى كۈچەپ مۇناسىۋەتلەشتۈرگەن سۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەگە مەسىلىلىرى توغرىسىدا گىرېتسىيەنىڭ سىياسىي سۇيىئىستېماللىرىغا قۇربان بولماسلىقى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىمىزنى تەكرارلايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە 2018 – يىلى 31 – مارتتا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئاقسوي، «مەسىلە توغرىسىدىكى پوزىتسىيەمىز ئۆتكەن ھەپتە مىنىستىرلىقىمىز تەرىپىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەيئىتى ۋەكىلىگىمۇ ئىزاھلاپ ئۆتۈلدى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى پاۋلوپولوس، بۇ قېتىم Natura 2000 تورى بىلەن چېگرالار ۋە زېمىنلار مەسىلىسىنى كۈچەپ مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى. بۇ باياناتنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي يوقتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ باياناتلار، گىرېتسىيەنىڭ Natura 2000 غا ئوخشاش ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇھىت پىلانلىرىنى سىياسىي غەرەز بىلەن سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىنىڭ ناماياندىسى ۋە ئېتىراپى ھېسابلىنىدۇ. دۆلىتىمىز، گىرېتسىيەنىڭ ئەگە دېڭىزىدىكى سالاھىيىتى دەتالاشلىق رايونلاردا پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ھازىرغىچە بولۇپ كەلگىنىدەك بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەگە مەسىلىلىرى توغرىسىدا گىرېتسىيەنىڭ سىياسىي سۇيىئىستېماللىرىغا قۇربان بولماسلىقى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىمىزنى تەكرارلايمىز» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718860434)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718860434)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.