تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ۋە ئافغانىستانغا تەزىيە بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن كابۇلدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇم توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى؛ كابۇلدا ئۆلىمالارنىڭ يىغىن ئېچىۋاتقان ئەسنادا مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارىڭ ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، دوست ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ۋە قېرىنداش ئافغان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.