قايغۇرلۇق خەۋەر... 3 ئەسكەر شېھىت بولدى

ھاككارىدا مەيدانغا كەلگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 3 ئەسكەر شېھىت بولدى، 1 ئەسكەر يارىلاندى.

984932
قايغۇرلۇق خەۋەر... 3 ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى باسيان خالا تېغىدىكى تېررورچىلار، تۈنۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 6:00 ئەتراپىدا ئاقتۈتۈن بايراق تۆپىلىكى بىلەن داغلىجا رايونلىرى ئارىسىدىكى تاش يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاۋاتقان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا گىراناتامىيۇت بىلەن ھۇجۇم قىلغان؛ ھۇجۇمدا 3 ئەسكەر شېھىت بولغان، 1 ئەسكەر يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر